10
ى گ و ل ى ب ر ىدەۋ- رى لى ب ا ى كى ل ى ب ر ى دەۋ ى ل رو ان غ ى ى# ي و ئ ىدە س ى# ي ر* ى+ پ م ى ب ل0 ۇ غ وۋ م ىۋ ي رلار0 و غ# ي0 و ئ ماس ل ا ب ن0 و غ ر0 و ئ ىۋ ن ي لاد ى م( ان خ ر گى ىۋE خ1206 ن ى ىد ىل# ب- 1227 ( ان خ# اى ى ك و ئ رى لى س ى ىۋ ۋار ي0 و ئ ۋە) ان غ ل و ئ ان اغ ە قE چ ى ىغ ىل# ب- 1228 - 1241 ،) ( ان خ] ك0 و# ئ و گ1246 - 1248 ( ان ى خ ىك ب0 و م) 1251 - 1259 ىۋ ن ي لاد ى م( ىدا تe ق ىۋ ۋا ي) 1206 ن ى ىد ىل# ب- 1259 ەe ت ق ەرh ش) ەE چ ى ىغ ىل# ب- ا ى ب0 و ئ ە جE پ ى ب ار ب ن ى ربد لىلا ە دا# ت ب ر ى پ ى سلدا ما ىh س ۋە ەE چ ى غ# ي ا خ ان غ ي ىد ل0 و# ئ0 و ق ا غ ي ر ى ۋ* ىۋ دي ن ن س ا# دەرب# اى ە دوب ت ب ەر غE پ ى ب ار ب ن ى د اب# ى ك و ئu چ ن ى ي ا دق0 و ج0 ى ۋو سىن ى# ى ب ر* ى+ پ م ى ب ل0 ۇ غ وۋ م غ0 و ل0 و ئ گەن ى م ل رۋ~ و ك ى سل مى ا ت خ ى ار ، بE لەپ ى ىگ ب ى ن ەرلەر# ي ان غ ى ل ب0 و غ ر0 و ئ ان غ ل و ئ ەE چ ى غ ا# ى سى ا ب] ىكE خ ى ك ۋردى ى ل كە. ربدا، لى ق ى ل ب ورما ئ ربدا، لىلا ىۋ دا ي ا# ى سى ا ب# ى ن ق ەرh شE لەپ لار دەس0 و ئدى. ى ب لاق ا لا ق ى ى خ لار ل0 ۇ غ وۋ م ان رغ0 و ق ى ىن# ى ب ر* ى+ پ م ى ب غ0 و ل0 و ئ داق ب0 وh ش ا ماب ى# ن ا خu چ ى ا# اب ۋە ب# ى ن ر كى ىۋ مەر ن ن ق ى ل ب را م كۋ~ و ھ ر~ و ئ ى ن لار ب و# ئ را ق ى ل ب ورما ئ ۋە لاق# ب ا# لار ب0 و ئ ۋنE ۋخ ىۋ ي ي0 وh ش ى. ن ى# ي اh اس# ربدە ب لى ل~ وE ج( ەE چ ى لغ و ئ ان اغ گە ق ى س ى# ى ب ر* ى+ پ م ى ب ل0 ۇ غ وۋ م ان ى خ ك ب و م ەھۋال ي داق ب0 و مدى. ى ب ا قh ش لى ى ق1251 دى ى ىل ق داۋام) ەE چ ى ىغ ىل# ب- . كە ادەب ب ان غ ي ىد ب0 وش# ى و ئ ر س ى ي ەرh ا ش غ م ا ر ىe پ ى ى ي# ى ن ب ىۋ ھەرE خ0 و م ك ە ۋە ي كە لەب س ى خ ر0 و ئ ا ىۋار، ب گ ەۋ ج# ماى ى ار ا ق غ ىh س0 و ل و ئ لاق ا ى ق ىن# يھا ا لار ب ل0 ۇ غ وۋ م م ى ب ، دا ان غ ي ىد يى رE چ0 و ئ ا غ ى ت غ ر ى ق ى ن لار ل مارۋا اE ، خh ۋرۋسE كەخ اپ# ا ھاب ىe ى ى برا اh س# ى ن ى ى ب ە ي ق ىe ىe ي ا دا، ق ۋاب ا# اب ب ل~ وE ج ىدا، لى. دا ىد ب گە ى ب ىۋ ي لەر مەبh ش، دۋ) ى ىك سل مە ى ۋ ىۋ ي نE ي~ وE ج وپ ئ رى، لى ل ى# ب ق ى ىلE خ ق ا رغ0 و ق ى،h ش ى ى ب ن *لى ى ق ىۋ ي ار ق( لەر ەبE اي ب# ى ن ى ى ب ە ي ان غ ي ربد0 و ئE پ0 و ل و ئ ىۋەپ س ا ب0 و مۋى ى ل ى ب ە ردا ق لا ل0 ۇ غ وۋ مدى. ى ب كە گەب~ و ئ كە ادەب ب ان غ ي ىد ب0 وش# ى و ئ ا غ م ا ر ىe پ ى ى ي، ان غ ي د# ىدابE خ ا ق ق ى ىلE خ² ى ى# ى ت ق ى ن لار ل0 ۇ غ وۋ م رى لى م0 و ج0 و ھ0 و م ك ە ار، ي# ىh س0 و ھ، ق ىل ل ى ق ە ى ي ىن# يھا ا ، ب0 و م ى س ل و ئ ر سى ىۋا سا] دەك اب خ ر گى ىۋE خ لار ل0 ۇ غ وۋ م گە ى سى ۋ ىۋ ي ي0 و ئدى. ى ب] لۋكE خ ى كۋ ىن# يھا ا بدى ى ب گە ى ب گە ى ىك ىلE خ ك ە ت ى ي ىۋ ن ي ما ى ر ھ ە ق رامەپ گە، كا ى ب گە ى ى ى# ى ى ىل ب ا ق ق ى ىلE خ ى لا ى كh س ە رى ي ى قh ش ا ب ن ى ىe ب ادە گەر، ب ى ىل ھ.

uyghur kilassik edebiyati

  • Upload
    tughchi

  • View
    623

  • Download
    12

Embed Size (px)

DESCRIPTION

 

Citation preview

Page 1: uyghur kilassik edebiyati

دەۋىر ئىلكىتابلىرى-دەۋىر بىلوگى

ئۇيغۇرالرنىڭ موڭغۇل ئىمپېريىسىدە ئوينىغان رولى

 

 

تۇرغۇن ئالماس

 

- يىلىغىچە قاغان بولغان( ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئوكتاي1227 - يىلىدىن 1206چىڭگىزخان )مىالدىنىڭ ( نىڭ ۋاقتىدا 1259-1251( مۇنىكى خان )1248-1246(، گويۇك خان )1241-1228خان )

- يىلىغىچە( شەرقتە تىنچ ئوكياندىن تارتىپ غەربتە دوناي 1259- يىلىدىن 1206)مىالدىنىڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان جايغىچە ۋە شىمالدا سىبىرىيە دااللىرىدىن تارتىپ جەنۇبتا كىچىك ئاسىياغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان يەرلەرنى ئىگىلەپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ موڭغۇل .ئىمپېرىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى

مانا شۇنداق ئۇلۇغ ئىمپېرىيىنى قۇرغان موڭغۇلالر خېلىال قاالق ئىدى. ئۇالر دەسلەپ شەرقىي ئاسىيانىڭ دااللىرىدا، ئورمانلىقلىرىدا، چۆللىرىدە ياشايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇالر يايالق ۋە ئورمانلىق رايونالرنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مەركىزىي ۋە تايانچ جايى قىلىشقانىدى. مۇنداق ئەھۋال مونكى خان

- يىلىغىچە( داۋام قىلىدى1251موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە قاغان بولغىچە ) .

موڭغۇلالر ناھايىتى قاالق بولۇشىغا قارىماي جەڭگىۋار، باتۇر خىسلەتكە ۋە بەكمۇ چىڭ ھەربىي ئىنتىزامغا شەرتىسز بويسۇنىدىغان ئادەتكە ئىگە ئىدى. دالىدا، چۆل ـ باياۋاندا، قاتتىق تەبىئىي شارائىتتا ھايات كەچۈرۈش، چارۋا مالالرنى قىرغىنغا ئۇچرىتىدىغان، دائىم بولۇپ تۇرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەر )قارنىڭ قېلىن يېغىشى، قۇرغاقچىلىق يىللىرى، ئوت ـ چۆپنىڭ ئۈنمەسلىكى(، دۈشمەنلەرنىڭھۇجۇملىرى موڭغۇلالرنى قىيىنچىلىققا چىدايدىغان، ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان ئادەتكە ئۆگەتكەنىدى. موڭغۇلالردا قەبىلىۋى مۇناسىۋەت ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە موڭغۇلالر چىڭگىزخاندەك ساۋاتسىز بولسىمۇ، ناھايىتى ئەقىللىق، ھۇشيار، بەكمۇ ھىلىگەر، ئادەتتىن تاشقىرى تەشكىالتچىلىق .قابىلىيىتىگە ئىگە، كارامەت قەھرىماننىڭ يېتەكچىلىكىگە ئىگە ئىدى

چىڭگىزخان موڭغۇل قەبىللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا بەل باغلىغاندىن تارتىپ، قابىلىيەتلىك، بىلىملىك، ئەقىللىق كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپالشقا پۈتۈن .ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشكەنىدى

دەل شۇ چاغدا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرالر ئىدى. چىڭگىزخان ئالتايلىق، بەشبالىقلىق، تۇرپانلىق، قاراشەھەرلىك، قەشقەرلىك، خوتەنلىك ئۇيغۇرالردىن يۈزلىگەن، مىڭلىغان قابىل كىشىلەرنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچكى، تاشقى چوڭ، مۇھىم ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلغانىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك باش ۋەزىرى قىتان شاھزادىسى يىلوچۇساي كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىڭگىزخانغا مۇنداق دېگەنىدى: »ئوقيا ياسايدىغان ئۇستا

[(1كېرەك بولغاندەك جاھاننى سوراشنى بىلىدىغان ئۇستا كېرەك«)] .

ئۇيغۇرالردىن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلىنغان كىشىلەر تەجرىبىلىك سىياسيونالر، ھۇشيار، ئۇستا دىپلوماتالر، ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ ئەڭ نازۇك سىرلىرىنى بىلىدىغان ھەربىي ستراتېگىيىلەر، تاكىتىكىلەر، ھەربىي تېخنىكالر، چىداملىق، قەيسەر سەيياھلەر، دېڭىزچىالر، قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىرى، ئىلىم ـ پەنگە توشۇق ئالىمالر، تۈرلۈك ئەللەرنىڭ تىلىنى .بىلىدىغان تىلماچال، شائىرالر، تارىخچىالر، خەتتاتالر، رەسسامالر، مۇزىكانتالردىن ئىبارەت ئىدى

Page 2: uyghur kilassik edebiyati

چىڭگىزخان بىرىنچى قەدەمدە موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۈچ توپلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شىمال )شەرقىي سىبېرىيە( ۋە غەرب )شەرقىي ئالتاي( دىكى تۈركى قەبىلىلەرنى .بويسۇندۇرغانىدى

- يىلى ئالتايدىكى نايمان خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان، نايمان خانى ئىنانچ 1204چىڭگىزخان مىالدى بىلگە خاننىڭ ئوغلى تايانخان چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ چاغدا تايانخاننىڭ ئۇستازى ۋە .تامغىچىسى ئۇيغۇر تاتاتۇڭا چىڭگىزخانننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن

چىڭگىزخان تاتا تۇڭانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپ بېكىتتى. ئۇندىن بۇرۇن موڭغۇلالردا يېزىق يوق ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا موڭغۇل بەگلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشى زۆرۈر شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئايالندى. تاتا توڭا چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرىغا ئۇستاز بولۇپ تەيىنلەندى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قانۇنلىرى، يارلىقلىرى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇل تىلىدا يېزىلدى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولغان

- يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن( نىڭ ئاالقىلىرى ئۇيغۇر، 1335 - يىلىدىن 1258ئىلخانىالر )مىالدىنىڭ ( بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقى )1370- 1231پارىسچە يېزىقتا يېزىلغان بولسا، چاغاتاي خانلىقى )

( دا بولسا رەسمىي دۆلەت تىلى، يېزىقى ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر يېزىقى ئىدى. چاغاتاي 1502 - 1227خانلىقى بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى موڭغۇلالر، ئۇيغۇرالر، تاتارالر، قىپچاقالر تەرىپىدىن ئاسسىمالتسىيە قىلىنىپ، تۈركلىشىپ، ئېتىقاد جەھەتتىن ئىسالم دىنىغا كىرگەنىدى. موڭغۇل خانلىرى ئارىسىدىكى ئورتاق تىل، موڭغۇل بەگلىرى ئارىسىدىكى ئەدەبىي تىل، رەسمىي سىياسىي ئاالقىلەردە .قوللىنىلىدىغان تىل ئۇيغۇر تىلى ئىدى

- يىلى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ1210ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى بائورچوق ئارتىكىن مىالدىنىڭ قۇرۇلۇن دەرياسى بويىدىكى ئوردىسىغا بېرىپ چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بەشبالىقلىق )ھازىرقى جىمسار ئەتراپىدا( ئۇيغۇرلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت .ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلىندى

- يىلى قاغان بولغاندىن باشالپ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىنى1206چىڭگىزخان مىالدى 1215باشلىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوردىسىغا توپالنغان ئۇيغۇر ھەربىي ئالىملىرى چىڭگىزخاننىڭ مىالدى

( غا قىلغان يۈرۈشلىرىدە ھەربىي مەسلىھەتچى سۈپىتىدە 1234 - 1115- يىلى جورجىت خانلىقى ) - يىلىغىچە داۋام قىلغان غەرب1225 - يىلىدىن 1219قاتناشقاندىن تاشقىرى، چىڭگىزخاننىڭ مىالدى

.ۋە شەرققە قىلغان يۈرۈشلرىگىمۇ ھەربىي مەسلىھەتچى بولۇپ بارغانىدى

چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرىلىرىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا يەنە .نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرالر جەلپ قىلىندى

چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان ھەربىي يۈرۈشىگە قاتناشقان ئۇيغۇرالر ئىچىدىن ئەڭ مەشھۇرلىرى .بولغان توراقايا، بۇالدقاپا قاتارلىقالر توغرىسىدا بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىش يېتەرلىك

توراقايا بەشبالىقلىق ئۇيغۇر بولۇپ، ھەربىي ستراتېگىيە ۋە تاكتىكىنى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە قوللىنىشقا ناھايىتى ئۇستا ئىدى. توراقايا چىڭگىزخاننىڭ ئۇلۇغ خارزىم شاھ دۆلىتىگە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئىچىدە ناھايىتى قابىلىيەتلىك ھەربىي ئالىمالردىن ئىدى. بۇالدقايا بولسا چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان. ئۇ كېيىن چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى

- يىل بېسىپ 1215تولىخاننىڭ ئورۇنباسارى بولغان. بەشبالىقلىق بۇالدقايا، چىڭگىزخان مىالدىنىڭ ئالغان خۇڭدو )جورجىت خانلىقىنىڭ پايتەختى( غا ئاالھىدە ھوقۇقلۇق ئەلچى ۋە نازارەتچى قىلىپ

- يىلىغىچە( جۇڭدودىكى باش ۋالىي 1223 - يىلىدىن 1215ئەۋەتىلگەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن )مىالدىنىڭ - يىل ئۆلگەندىن كېيىن، جوڭدوغا 1223موڭغۇل سەركەردىسى موغالى ئىدى. موغالى مىالدىنىڭ

بۇالدقايا ئەۋەتىلگەن. بۇالدقايا جوڭدودا تۇرغان مەزگىلدە شىمالىي جۇڭگۇغا موڭغۇلالر نامىدىن ( نىڭ 1279 -1227ھۆكۈمرانلىق قىلغان. شۇ چاغدا جەنۇبىي جۇڭگۇ جەنۇبىي سۇڭ سۇاللىسى )

.ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى

Page 3: uyghur kilassik edebiyati

- يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇاللىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، 1279موڭغۇلالر مىالدى (نى قورغان،1368 - 1279 يىل ھۆكۈم سۈرگەن يەن سۇاللىسى )87تولىيخاننىڭ ئوغلى قوباليخان

.ئۇيغۇرالر مانا شۇ يەن سۇاللىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھوقۇقلىرىنى ئىگىلەپ ئالغان

( ئۇيغۇرالردىن لەنششەن )مىالدىنىڭ1368 - 1279قوباليخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى دەۋرىگىچە ) (، ئەھمەت )مىالدىنىڭ1291 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن(، ساڭگا)؟ - 1280 - يىل تۇغۇلۇپ، 1231

- ئالەمدىن ئۆتكەن(، مەڭگوتىكىن )1320 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن، )ئەلىيمغىش )مىالدىنىڭ 1282 - يىلى 1276 - يىلى تۇغۇلۇپ، 1197 – ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن(، شيبان )مىالدىنىڭ 13

- ئەسىرنىڭ 13 - ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن(، ئەختەرىددىن )13ئالەمدىن ئۆتكەن(، موڭسۇر )ئاخىرىدا ئۆتكەن( قاتارلىق ئۇيغۇرالر خان بالىقتا )ھازىرقى بېيجىڭدا( ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى .ئۆتىگەن

شۇالرنىڭ ئىچىدىن ئاددىيلىقى، كەمتەرلىكى، خەلقپەرۋەرلىكى، قابىللىقى بىلەن شۆھرەت قازانغان لەنششەن، موڭسۇر، مەڭگوتىكىن، شيبان، ئەل يىغمىش، ئەختەرىدىن قاتارلىقالر توغرىسىدا .قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش كېرەك

 

- يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ پايتەختى بەشبالىقتا تۇغۇلغان. ئۇيغۇر1231لەنششەن مىالدىنىڭ - يىلى مونكى قاغان ئالەمەمدىن 1259قوباليخاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغان، مىالدىنىڭ

ئۆتكەن، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارا قۇرۇمنى ساقالشقا تەيىن قىلىنغا ئارىغ بوقا )قوبلەيخاننىڭ ئۇكىسى( پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قارا قۇرۇمدا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانلىق ئورنىنى تارتىپ ئالماقچى بولىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق جىددىيلەشكەندە،

- يىلى لەنششەننىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەت قاغان سايالشتىكى 1260قوباليخان مىالدىنىڭ .ئەنئەنىسىگە خىالپ ھالدا كەيفىندە ئۆزىنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانى دەپ جاكاراليدۇ

شۇندىن باشالپ قوباليخان بىلەن ئارىغ بوقا ئارىسىدا قانلىق ئۇرۇشالر يۈز بېرىدۇ. قوباليخان ئارىغ - يىلى ئارىغ بوقا 1264بوقانى تار ـ مار كەلتۈرۈپ، قارا قۇرۇمنى ئىگىلەپ ئالىدۇ، مىالدىنىڭ

.قوباليخانغا تەسلىم بولىدۇ

 

- يىلى پۈتۈن جۇڭگۇنى بېسىپ ئالغاندىن كېيىن، قوباليخان يەن سۇاللىسىغا 1279موڭغۇلالر مىالدى خان بولۇپ، بېيجىڭنى پايتەخت قىلىدۇ. لەنششەن شۇندىن باشالپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قوباليخانغا .باش ۋەزىر بولىدۇ

مەڭسۇر قوباليخاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى. قوباليخان ئۇنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەندە، باش ۋەزىرلىكنى قوبۇل قىلمىغان. مەڭسۇر ناھايىتى ئەقىللىق، بەكمۇ بىلىملىك ئادەم .ئىدى

 

مەڭگۇتىكىن بولسا قوباليخاننىڭ ئۇستازى ئىدى، قوباليخان ئۇنىڭ تەربىيىسى نەتىجىسىدە، موڭغۇلچە،ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، تىبەتچە تىلالرنى مۇكەممەل بىلىدىغان، ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەت قىلىدىغان .شەخس بولۇپ يېتىشكەن

 

شىيبان بولسا مەشھۇر، ئۇستا دىپلومات ئىدى. ئۇيغۇر قوباليخاننى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن كېلىشتۈرۈش جەھەتتە ئۈنۈملىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان، شيبان ئوكتايخان بىلەن قوباليخاننىڭ

Page 4: uyghur kilassik edebiyati

يېشىدا ئالەمدىن 79 - يىلى 1276ئوردىسىدا ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان، ئۇ مىالدى .ئۆتكەن

 

ئەسلى خوتەنلىك ئۇيغۇرنىڭ ئەۋالدى بولغان ئەھمەد قوباليخانغا ۋەزىر بولغان. ئۇيغۇر ناھايىتى قابىل .بولۇپ، باش ۋەزىرگە تەڭ ئابرويغا ئىگە ئىدى

 

- 1270يەن سۇاللىسىنىڭ مەشھۇر خانلىرى قوباليخان، تۆمۈرخان، ئىسەنخانالرنىڭ ۋاقتىدا )مىالدى - يىلىغىچە( مەشھۇر دېڭىز ساياھەتچىسى، دىپلومات ئەل يىغمىش ئاتلىق ئۇيغۇر بىر 1320يىلىدىن

- يىلىدىن باشالپ 1272نەچچە قېتىم ھىندى ئوكيان ۋە ئوكيانىيىگە بارغان. ئەل يىغىمىش مىالدى ھىندى ئوكيان ۋە ئوكيانىيىدىكى دۆلەتلەرگە ئەلچى بولۇپ بارغان. ئەل يىغىمىش دېڭىز ئوكيان ئارقىلىق ھازىرقى سېرىالنكا، ماۋرىييە )ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا(، ھىندى چىنى، ھىندونوزىيە قاتارلىق جايالرغا بارغان. ئۇيغۇر قايتىشىدا چەت ئەل ئەلچىلىرىنى باشالپ ۋە شۇ دۆلەتلەردە .چىقىدىغان دورا ـ دەرمەكلەرنى ئېلىپ كەلگەن

 

قوباليخاننىڭ ئەل يىغمىشنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا )ھىندىچىنىدىكى دۆلەتلەرگە ۋە ھىندىستانغا(،ھىندونوزىيىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشى شۇ دۆلەتلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئىدى. چۈنكى قوباليخان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ھىندونوزىيىنى بېسىپ ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇندىن .بېرى تەييارالنماقتا ئىدى

 

- يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇاللىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن، شەرققە 1279دېگەندەك قوباليخان مىالدى .― ياپونىيىگە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا، ھىندونوزىيىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىدى

 

مىڭ 165 - يىلى يۈزلىگەن، مىڭلىغان كېمىلەر بىلەن تەمىنلىگەن. 1280قوباليخان مىالدى مىڭى خەنزۇ ۋە كورىيىلىك 120جەڭچىدىن تەركىب تاپقان قۇدرەتلىك چوڭ قوشۇننى )بۇنىڭ

جەڭچى( دېڭىز ئارقىلىق ياپونىيىگە ماڭدۇردى. لېكىن بۇ چوڭ تاجاۋۇزچى قوشۇندىن ناھايىتى نۇرغۇنى تىنچ ئوكياندا بورانغا ئۇچراپ غەرق بولغان، نەتىجىدە موڭغۇلالرنىڭ ياپونىيىگە قىلغان .يۈرۈشى مەغلۇپ بولغان

 

- يىلى ھىندىچىنى يېرىم 1283قوباليخان ياپونىيىگە قىلغان يۈرۈشىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئارىلىدىكى ۋيېتنام، ماالييا، بېرما، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلغان، ئەل يىغمىش

1293موڭغۇلالرنىڭ ھىندىچىنىدىكى دۆلەتلەرگە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان، ئۇ يەنە موڭغۇلالرنىڭ - يىلى ھىندونوزىيىگە قىلغان يۈرۈشىگىمۇ قاتناشقان. ئەل يىغمىش قوبالينىڭ ھىندونوزىيىگە قىلغان يۈرۈشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن )موڭغۇلالر ئوكيانىيىنىڭ ئىسسىق ھاۋا كېلىماتىغا ماسلىشالماي ئىچئۆتكۈ كېسىلىگە موپتىال بولغانىكەن( خان بالىققا قايتىپ كېلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە باش ۋەزىر

. - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن1320ئورۇنباسارى بولغان. مىالدى

 

Page 5: uyghur kilassik edebiyati

قوباليخاننىڭ ۋاقتىدا، ئەختەرىدىن ئاتلىق ئۇيغۇر ئىنژېنېر ئۆتكەنىدى. ئەختەرىدىن ئوردا ۋە شەھەر .قۇرۇلۇشلىرىنى باشقۇرىدىغان چادىر مەھكىمىسىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەنگەن

ئەختەرىدىننىڭ شەرق تارىخىدىكى تۆھپىسى ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى .اليىھىلەپ بىنا قىلىشىدا

بېيجىڭ جۇڭگۇ تارىخىدا ئۆتكەن سۇاللىلەرنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت - يىل بۇرۇنقى 770مەركىزى بولغان. بېيجىڭ جۇڭگۇ تارىخىدىكى ― »يىلنامە دەۋرى« )مىالدىدىن

- يىل بۇرۇنقى چاغقىچە(، »ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى« )مىالدىدىن475چاغدىن تارتىپ مىالدىدىن - يىل بۇرۇنقى چاغقىچە( دىكى يەن بەگلىكىگە 221 - يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىالدىدىن 475

يىل بۇرۇن جۇڭگۇنى221پايتەخت بولغان، ئۇ چاغدا جىچىڭ دەپ ئاتىالتتى. چېن سىخۇاڭ مىالدىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن جىچىڭ شەھىرى چېگرا مۇداپىئەسىدىكى مۇھىم شەھەرگە ئايالنغان.

- يىلىغىچە 220 بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىالدى 207جىچىڭ شەھىرى خەن سۇاللىسى )مىالدىدىن ( دەۋرلىرىدىمۇ 907 - 618(، تاڭ سۇاللىسى )618 - 581ھۆكۈم سۈرگەن(، سۇي سۇاللىسى )

( جىچىڭ 1279 - 960مۇھىم ھەربىي شەھەر بولغان. سۇڭ سۇاللىسى دۋەرىگە كەلگەندە ) - يىللىرى قىتانالر بېسىپ ئالغان. جۇڭگۇ تارىخىدا ئۆتكەن جورجىت خانلىقى )960شەھىرىنى مىالدى

(، چىڭ 1644 -1368(، مىڭ سۇاللىسى )1279 - 1368(، يەن سۇاللىسى )1234 - 1115( قاتارلىق تۆت سۇاللە جىچىڭ شەھىرىنى پايتەخت قىلغان1911 - 1644سۇاللىسى ) .

 

- يىلى جىچىڭ شەھىرىنى پايتەخت قىلغان 1053( مىالدى 1125 - 916شەرقىي قىتان خانلىقى ) . يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە800ۋاقىتىدىن باشالپ ھېسابلىغاندىمۇ بېيجىڭ

 

تارىخى ئۇزۇن بولغان بېيجىڭ نامى تۈرلۈك تارىخىي شارائىتتا ھەر خىل ئاتىلىپ كەلگەن. تاڭ ( پىدۇ، يەنجىڭ، 1125 - 916( يۇجۇ، قىتان خانلىقى دەۋرىدە )907 - 168سۇاللىسى دەۋرىدە )

1279( جۇڭدۇ دەپ ئاتالغان. يەن سۇاللىسى دەۋرىدە )1234 - 1115جورجىت خانلىقى دەۋرىدە ) ( بېيجىڭ دەپ1911 - 1644( خان بالىق دەپ ئاتالغان. پەقەت چىڭ سۇاللىسى دەرۋىدىال )1368-

.ئاتالغان

 

ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسىي يەن بەگلىكى )مىالدىدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن( نىڭ پايتەختى جىچىڭ شەھىرىمۇ ئەمەس، شۇنىڭدەك شەرقىي قىتان خانلىقى، جورجىت خانلىقى دەۋرىدىكى يەنچىڭ، جۇڭدۇ شەھىرىنىڭ ئاساسىمۇ ئەمەس. بېيجىڭ پەقەت موڭغۇلالر بىنا قىلغان خان بالىق .شەھىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى ھالغا كەلگەن

 

- قېتىم ناھايىتى چوڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، 2 - يىلى چۇڭگۇغا 1251چىڭگىزخان مىالدى جورجىت خانلىقىنىڭ پايتەختى جۇڭدۇنى بېسىپ ئالغاندا، شەھەرگە ئوت قويۇپ كۈلگە ئايالندۇرۋتكەنىدى. تارىخىي پاكىتالرغا ئاساسالنغاندا، جۇڭدۇ شەھىرى بىر ئايدىن ئارتۇق كۈيۈپ، .قورقۇنچلىق بىر خارابىزارلىققا ئايلىنىپ كەتكەن

 

- يىلى( قوباليخان جۇڭدۇ شەھىرىنىڭ 1268 يىل ئۆتكەندىن كېيىن )مىالدىنىڭ 52مانا شۇ ۋەقەدىن .خارابىسى ئۈستىدە، يېڭى بىر شەھەر بىنا قىلىپ، پايتەخت قىلىش قارارىغا كەلگەن

Page 6: uyghur kilassik edebiyati

 

ئەختەرىددىن قوباليخاننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان پايتەختنىڭ غايەت چوڭ، مۇرەككەپ اليىھىسىنى ئىشلەپ چىققان ۋە شۇ اليىھە بويىچە »خان بالىق« دەپ ئاتالغان پايتەختنى .بىنا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىغان

 

( نىڭ تۇنجى خانى قوباليخاننىڭ زامانىسىدا خان 1368 - 1279موڭغۇل قۇرغان يەن سۇاللىسى ) .بالىقنىڭ بىنا قىلىنىشى تارىختا بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ

 

ئەختەرىدىننىڭ اليىھىسى بويىچە، بىرىنچى قەدەمدە يەرنىڭ قىيپاش شەكلىگە ئاساسەن، يەر ئاستى«قانالىزاتسىيىسى ياسىلىپ سۇ ئاقىدىغان ساپال نوكەشلەر ئورنىتىلغان، ئىككىنچى قەدەمدە، خانالر تۇرىدىغان ئوردىالر تەبىئىي مەنزىرىسى چىرايلىق جايالرغا سېلىنغان. ئەختەرىدىننىڭ اليىھىسىگە ئاساسەن، ھازىرقى جۇڭنەنخەي ۋە بىيخەي كۆللىرى بىنا قىلىنىپ، خان ئوردىلىرى شۇ كۆللەرنىڭ ئىككى قىرغىقىغا سېلىنغان. ھازىرقى جىڭشەن باغچىسىنىڭ ئەتراپىغا خان ئائىلىسىنىڭ ھايۋانانالر

[(2باغچىسى بىنا قىلىنغان«)] .

 

خان بالىقنىڭ »كۈچىلىرى چوڭ كوچا، كىچىك كوچا ۋە خوتۇڭ دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ خىل كوچىدىن قەدەم 12 قەدەم، كىچىك كوچىالرنىڭ كەڭلىكى 24ئىبارەت بولغان... چوڭ كوچىالرنىڭ كەڭلىكى

خۇتۇڭ ياسالدى... بۇنداق كوچىالرنىڭ چوڭ ـ 2009 چوڭ ۋە كىچىك كوچا، 364ئىدى. شەھەرگە كىچىكلىكى قاتناشنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجىغا ئاساسلىنىپ، تار قىلىپ ياسالغان. كوچىالرنىڭ كەڭلىكىنى

مېتىر، كىچىك كوچىالرنىڭ 40ھازىرقى ئۆلچەمگە سېلىشتۇرغاندا، چوڭ كوچىالرنىڭ كەڭلىكى [(3 مېتىر كېلىدۇ«)]20كەڭلىكى

 

خان بالىقتىكى ئوردىالر، كۆللەر، باغچىالر، كۆۋرۈكلەر، كوچىالر، شەھەر دەرۋازىلىرى، يەر ئاستى قانالىزاتسىيىسى »جۇڭگۇنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى، تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ شەرت ـ شارائىتلىرى ۋە

[(4يەرلىك ئەھۋالىنىڭ بەزىبىرى جۇغراپىيەلىك ئاالھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ياسالغان«)]

 

يىلالر بۇرۇن( ھازىرغىچە جۇڭگۇنىڭ 5000ئەجدادلىرىمىز ھۇنالر دەۋرىدىن تارتىپ )بۇندىن مەدەنىيىتىگە ناھايىتى قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەختەرىدىننىڭ خان بالىقنى )بېيجىڭنى( بىنا .قىلىشتا ياراتقان ئۇلۇغ، شانلىق تۆھىپىسى تارىختا مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز مۆجىزە

 

ـ سان4 ـ يىل 1988مەنبە: »شىنجاڭ مەدەنىيىتى« ژۇرنىلى

 

 

 

Page 7: uyghur kilassik edebiyati

-------------------------------------------

 

- بەت11چىيوشۇسىڭ »جۇڭگۇ تارىخى ھېكايلىرى« خەنزۇچە )]1[(

 

- بەت122- كىتاب، 1لييۇۋيجون: »غەربىي دىيار ھەققىدە قىسسە« خەنزۇچە )]2[(

 

- بەت124- كىتاب، 7لييۇۋيجون: »غەربىي دىيار ھەققىدە قىسسە« خەنزۇچە )]3[(

 

- بەت122- كىتاب، 1لييۇۋيجون: »غەربىي دىيار ھەققىدە قىسسە« خەنزۇچە )]4[(

1

قىنى مەرھەمەتتىخىمۇ كۆپ ماتىرىيالالرنى دەۋىر بىلوگىدىن تاپااليسىز !